Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:5
14 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.


بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق.


بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى.


بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن.


لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.


مەسىلەن، بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلىشتىن بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرىش ئۈچۈن خەتنە قىلىنغان بولسا، ئۇ بۇنى يوشۇرمىسۇن. بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا خەتنە قىلىنمىغان بولسا، شۇنداق تۇرۇۋەرسۇن.


بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم.


مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite