41 پاۋلۇسلار سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.
«ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام!
كېيىن، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم.
يەھۇدا ۋە سىلاسلار پەيغەمبەر بولۇپ، ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.
سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى.
بىراق، كىرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئەزالىرى بولغان بەزى يەھۇدىيلار ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.
پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.