Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:4
20 Referans Kwoze  

پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى.


ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.


شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


يېرۇسالېمدا ئېتىقادچىلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى.


ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار.


مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.)


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى.


لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.


شۇڭا، ئەيسا مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىسىلەر.


پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى.


كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى.


سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.


ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.


بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.


شۇڭا، ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite