ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 «ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام! Gade chapit la |
شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.