Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:2
20 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق.


ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن!


پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى.


ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ بىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار.


ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى.


ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى.


شۇڭا، بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنىمۇ خېتىمىزدىكى قارارلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.


شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.


مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.


بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. جاففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە باردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالغىن! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايدۇ.


ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite