Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار!

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:13
15 Referans Kwoze  

پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.


خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.


ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.


بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم.


- ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس.


ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى.


ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:


قېرىنداشلار، سىلەرگە ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۇ سۆزلەر چوقۇم پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمايدۇ. چۈنكى، ئەجدادىمىز داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەرگە كۆمۈلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنگىچە بۇ يەردە ساقلانماقتا.


ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم.


بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە: - ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار! سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.


ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ك چىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى.


باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite