Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:12
6 Referans Kwoze  

ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.


پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى.


پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.


شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite