Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ياق! ئۇنداق قىلماڭلار! بىز يەھۇدىيلار رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغاندەك، ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ!

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 15:11
14 Referans Kwoze  

لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.


رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.


چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.


ۋەھالەنكى، ئادەم~ئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite