Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 14:3
17 Referans Kwoze  

خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.


ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان.


شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.{


بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.


ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم.


لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite