18 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى.
لېكىن ئۇلار: _ يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ؟ كۆزىمىزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن، _ دېيىشتى ۋە لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولۇشتى.
پەرۋەردىگار: _ ئۇلار بىرلىشىپ بىر خەلق بولۇپتۇ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالىغۇدەك.
چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.»
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.