7 ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى.
ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق. سوراقچىلارمۇ بار. شىكايىتىنى شۇ يەرگە بېرىپ قىلسۇن.
يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:
بىلىم ئالار ئاقىلنىڭ قەلبى، بىلىمگە تەلپۈنەر دانانىڭ ئۆزى.
لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار.
دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.
گول ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس قالار، زېرەكلەرگە بىلىم تاج بولۇپ تاقىلار.
گول كىشى ئىشىنىپ كېتەر ھەممە گەپكە، زېرەك ئادەم ئويلىنار ھەر قەدەمدە.
زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.