Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

51 شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:51
10 Referans Kwoze  

سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشغا يېتەكلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى.


لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلار جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى.


ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى.


لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى.


«خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite