44 كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.
بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟
شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.
سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى.