4 مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى.
مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى.
بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.
ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.
بىز ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقتۇق. قارشى تەرىپىمىزدىن شامال چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق.
پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.