Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 لېكىن، خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى!

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:30
16 Referans Kwoze  

لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى، ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى.


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. بىراق، ھەممە كىشىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزى تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغان بىز ئەلچىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى.


سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار.


بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ئاتام مېنى سۆيىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلغاندىن كېيىن تىرىلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلساڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىمەن.


خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!»


ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى پەقەت چىرىمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite