Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىنىڭ پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13:13
10 Referans Kwoze  

بىراق، پاۋلۇس بۇنى دانا پىكىر ئەمەس، دەپ قارىدى. چۈنكى، ماركۇس ئالدىنقى قېتىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماي، پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى.


كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق.


پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.


فرىگىيە، پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيىنىڭ كىرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، كرىت ۋە ئەرەبىستاندىن كەلگەنلەرمۇ بار! يەنە رىم شەھىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئەمما، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىزنىڭ تىللىرىمىزدا ماختىغانلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز! - دېيىشتى.


يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ.


مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.)


جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ، دېڭىزدىن لەڭگەرنى چىقىرىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى.


ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite