Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 12:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق، ئۇ پەرىشتىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 12:9
12 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى.


ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم.


بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى.


ئۇلار ئاتىسىغا: _ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى. ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى.


ئۇ مۇنداق دېدى: - جاففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختاپ قالدى.


پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ:


دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى: - ھانانىيا! - دەپ چاقىردى. - ئى رەببىم، مانا مەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.


ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.


نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.


پەرىشتە ئۇنىڭغا: - كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە: - چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite