ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 12:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ: - تېز تۇر! - دەپ ئويغاتتى. پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. Gade chapit la |
يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.