5 پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ تۇرۇلدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا سەمىمىي دۇئا قىلىشتى.
ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار.
سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ.
شۇنى يەنە بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككى كىشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
زىندانغا تاشلانغان ئېتىقادچىلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا تۇرغاندەك ياد ئېتىپ، ياردەم قىلىڭلار. خورلانغانلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارمۇ خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.
پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:
پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، ھەربىرى تۆت لەشكەردىن تەشكىل تاپقان تۆت نۆۋەتچى قاراۋۇللار توپىغا تاپشۇردى. ھېيتتىن كېيىن، ھىرود خان ئۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى.