24 لېكىن، خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى.
خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.
شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى.
ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.
خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا.
رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلار بىلەن بىللە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلارنى خۇداغا قارشى ئورۇنغا قويغان بولىسىلەر! ئالىي كېڭەشمە غامالىيىلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.
دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئۇلارنى قەتل قىلماڭ. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى.
يامانلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار، ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتار.
قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ، يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.