Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 12:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 12:20
24 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كېيىن، خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى.


يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك.


ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.


ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟


توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.


سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە.


مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرىمەن.»


بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ.


ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى


كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.


پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن، جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن.


بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھىرود خانلىق تونىنى كىيىپ، تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى.


سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى.


تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite