15 - ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟! - دېيىشتى ئۇلار. لېكىن، دېدەك راست، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: - ئۇ ئۇنىڭ روھى بولسا كېرەك! - دېيىشتى.
- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.
پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى.
لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى ۋە مەريەمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئىشەنمىدى.
مەن ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم: - شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىر. تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قارىسا، دەرۋەقە ئۇ ئىكەن! ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.