Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.)

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11:28
10 Referans Kwoze  

بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى.


پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ،


رىم ئىمپېراتورى تىبېرىيۇسنىڭ 15~-~يىلى، خۇدادىن چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا ۋەھىي كەلدى. شۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە پونتىي پىلاتۇس ۋالىي ئىدى. ھىرود خان جەلىلىيە ئۆلكىسىدە، ھىرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىلىرىدە، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتاتتى. ھانناندىن كېيىن قاياپا باش روھانىيلىق قىلىۋاتاتتى.


يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.


شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا: _ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى.


خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.


بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite