Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئۇ كۈنلەردە، يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11:27
19 Referans Kwoze  

ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.


شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى.


ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.


يەھۇدا ۋە سىلاسلار پەيغەمبەر بولۇپ، ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.


«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى: ˜مەن ئاخىر زاماندا ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.


خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرالايدۇ.


بۇ كىشىنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان، تېخى تالالىق بولمىغان تۆت قىزى بار ئىدى.


بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارما، دەپ نەسىھەت قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.»


ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ،


لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى.


بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى.


ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان:


ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى.


پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى.


يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.


بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite