ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 11:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى. Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.
شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.