Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:7
13 Referans Kwoze  

ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر.


بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.


ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ،


خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلار دەل خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر. سەن ئېتىقادچىلارغا بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن.


ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.


مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: - ئورنۇڭدىن تۇر! ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى، ھىرود پادىشاھ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.


شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.


ئۇ شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى بولسا دېڭىز بويىدا، - دېدى.


بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى جاففاغا ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite