5 ئەمدى سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ كەل.
شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.
ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار.
شۇڭا، جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى.
جاففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا، جاففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتىپ: - چاپسان يېتىپ كېلىڭ! - دەپ تەكلىپ قىلدى.
جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى.
ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: - يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، - دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)،
بۇ خەۋەر پۈتۈن جاففاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
پېترۇس جاففادا شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇردى.
- سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر مېھمان بۇ يەردە تۇرامدۇ، قانداق؟ - دەپ توۋلىدى.