Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

48 شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:48
9 Referans Kwoze  

پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


چۈنكى، ئۇلار رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مۇقەددەس روھ تېخى چۈشمىگەنىدى.


چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار.


ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


(ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.)


شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.


ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite