45 پېترۇس بىلەن بىللە جاففادىن كەلگەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغىنىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. جاففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە باردى.
پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، تۇغۇلۇشۇڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ئۆز خەتنىسىدىن پەخىرلىنىدىغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىزلەر» دەپ كەمسىتىلدىڭلار. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ خەتنىسى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىدۇر.
بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز.
خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى.
- سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! - دېدى.
شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئەيىبلەپ:
بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.