Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40-41 ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى. بىراق، ھەممە كىشىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزى تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغان بىز ئەلچىلەر ئارىسىدا نامايان قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:40
16 Referans Kwoze  

سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.


چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىللە ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى، ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى.


خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.


لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان.


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.


بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite