Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 سىلەرنىڭ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ناسىرەلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردىن خەۋىرىڭلار بار.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:37
16 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.


لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.


بۇ ئىشلاردىن ئاگرىپا خاننىڭمۇ خەۋىرى بار. شۇڭا، مەن خانغا ئوچۇق ئېيتالايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاننىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بولغان ئىشلار ئەمەستە!


ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم.


لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە: - ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:


گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite