ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى34-35 پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم. Gade chapit la |
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.