Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 بىراق، پېترۇسقا يەنە: - خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 10:15
17 Referans Kwoze  

گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار.


ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، - دېدى.


پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن.


سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.


رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر.


ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


بىراق، ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.


يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ.


پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.


خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.


بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، داستىخانغا ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite