10 ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەنىدى. تاماق تەييارلىنىۋاتقاندا، پېترۇسنىڭ كۆزىگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى.
كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدىم. مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى.
رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەزرىتى ئەيسا شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە پەرۋەردىگار مېنى ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئېگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. تاغنىڭ جەنۇبىدا ئىمارەتلەر بار بولۇپ، شەھەرگە ئوخشايتتى.
غايىبانە ئالامەت ئىچىدە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، بابىلدىكى سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا غايىبانە ئالامەت كۆز ئالدىمدىن غايىب بولدى.
ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.
ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: - جاففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختاپ قالدى.