26 دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى.
ئاندىن چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى تېكىنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى، قايسى تېكىنىڭ ئازازۇل تەرەپكە قوغلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىسۇن.
يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.
كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.
خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، چەك تاشلاش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئادىل بۆلۈپ بېرىلدى.
بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە: - ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار! سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.
ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ھايات بۇلىقىدۇر، ئەخمەقنىڭ ئۆز ئەخمەقلىقى ئېلىپ كېلىدىغىنى جازادۇر.
ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.
يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.
بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى قايسى جەمەتنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز.
خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلاردىن ھەر ئون ئائىلىدىن بىرىنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.
چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.
يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يىغىلدى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەم بەرگەن تەلىملىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى.
شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك يۈسۈپ (لەقىمى بارسابا، گرېكچە ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتىيا دېگەن ئىككى كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى:
شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى.