ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 1:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24-25 - ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئويى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئۆلدى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلىۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغۇچىغا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن. Gade chapit la |
سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى. چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى.