Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھەقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېمەكتۇر.)

Gade chapit la Kopi




ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 1:19
6 Referans Kwoze  

قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.


ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم.


شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. بۇ ئىغۋا بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.


ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ باشلىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite