يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. Gade chapit la |
مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم.