Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 قەدىرلىك دوستۇم، قەلبىڭ ساغلام بولغاندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1:2
19 Referans Kwoze  

ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇن گۇناھلارنى كەچۈرگۈزۈۋېتىدۇ.


قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.


ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار.


سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.


قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار! ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر.


دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ، ماڭىمۇ رەھىم قىلدى.


ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى.


بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملا تېۋىپقا موھتاجدۇر.


قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite