Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1:12
8 Referans Kwoze  

ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.


بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر.


ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى.


- بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.


مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن.


_ سىلى بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىگەن، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمىغان ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىغان، _ دېيىشتى خەلق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite