Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:7
22 Referans Kwoze  

ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


- مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ، تەلىمىمگە ئەمەل قىلدىڭ ۋە نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.


ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا.


ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.


سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق! مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!»


مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سىلەر مېنىڭ خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. ھازىرمۇ مېنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمدىن خەۋەردار بولۇۋاتىسىلەر ھەمدە سىلەرمۇ بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتىسىلەر.


لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار.


ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى.


50 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite