Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:6
8 Referans Kwoze  

تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.


سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.


مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.


كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالدى. لېكىن خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى.


ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite