21 قىش كىرىپ كەلگۈچە، بۇ يەرگە كېلىشكە تىرىشقىن. ئېۋۇل، پۇد، لىن، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام.
يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كېلىشكە تىرىش.
بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام.
سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز.
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن سىزگە سالام!
كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە بولغان ۋاقتىمدا كارپۇسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان تونۇم بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن.
ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.
خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىدىن سىلەرگە سالام. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھلىقى سىلەرگە يار بولغاي!
بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.
ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ، زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ.
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن.