Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:2
36 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار.


سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.


مەن سېنى يوقلاپ بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتچىلىككە مۇقەددەس يازمىلار ئوقۇپ بېرىش، نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.


مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل.


بۇ ھەقىقەتتۇر. شۇڭا، كرىتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغىن.


ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.


خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.


ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.


لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار.


ئەگەر ئۇ گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن.


خۇدا خوش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مېنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ تەيىنلىدى.


خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدىمى نەقەدەر مۇبارەك-ھە!»


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن دەرھال بۈيۈك نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى شەھەردىكىلەرگە جاكارلىغىن، _ دېدى.


يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى.


دەم ئېلىش كۈنى، شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. خۇددى ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاينى تاپتۇق. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.


- ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم.


ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار.


يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى.


زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى.


رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.


قېرىنداشلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ قىسقىغىنا خەتتىكى نەسىھەتلىرىمنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغايسىلەر.


رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.


ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.


بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم.


سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite