Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:16
16 Referans Kwoze  

كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.


مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.


بۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.


بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار.


چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.


ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكىبۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار.


لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولسا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشتە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابىمنىڭ ئۈستىگە يۈرەك ئازابى قوشۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ.


مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.


مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق:


مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.


- ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس.


كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.


مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.


سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بول. چۈنكى، ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite