Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 4:14
18 Referans Kwoze  

ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم.


خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ.


جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.


كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي. مەن سىلىگە قول تەگكۈزمەيمەن، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىلىدىن ئىنتىقام ئالغاي.


ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.


قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»


مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.


خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ،


سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بول. چۈنكى، ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى.


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite