17 ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر.
ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە.
مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.
جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى.
سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن.
مەن ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دېيىشتى ۋە پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن بۇ خەيرلىك ئىشىنى باشلاشتى.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.
سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!