7 بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ،
لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.
لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.
شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.
لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.
چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.
روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار.
مالكىسىدىق نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان.
شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار.
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ.
ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.
خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.
چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم، كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم:
ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.
ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ، بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.
پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.
قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.
ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىبادەتخانىنى سېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»
سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن.
ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.
شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر.
بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل-پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن كەلگەن.
- ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى.
ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ.
سەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېسىڭدە تۇت. مانا بۇ، مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر.