Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:4
11 Referans Kwoze  

ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز.


تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.


ئەگەر بىرى رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇنداق ناپاك ئىشلارغا يەنە قايتا كىرىشىپ قېلىپ شۇ ناپاكلىقلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ يامان بولىدۇ.


چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.


قىسقىسى، مەيلى بۇ تەندە ياشايلى ياكى بۇ تەندىن ۋاز كېچەيلى، نىشانىمىز يەنىلا رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىشتۇر.


ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite