Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:25
30 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ.


بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار.


بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.


شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر.


مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم.


يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.


خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.


پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن.


«ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.


ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.


ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن.


ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە.


ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.


مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.


مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.


چۈنكى، گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.


شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite